ھەققىمىزدە

دىن ئەركىنلىكى ۋە ئېتىقاد ئۆگىنىش سۇپىسى ھەققىدە كۆپرەك چۈشەنچىگە ئېرىشىڭ

دىن ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئۆگىنىش سۇپىسى دىن ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھۆرمەتلىنىدىغان ، قوغدىلىدىغان ۋە ئىلگىرى سۈرۈلگەن دۇنياغا تۆھپە قوشماقچى بولغان ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆگىنىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.

نېمە ھەققىدە؟

دىن ۋە ئېتقاد ئەركىنلىكىنى ئۆگىنىش سۇپىسى شەخسلەر، ئومۇمىي توپلار، تەشكىلاتلار ۋە قارار چىقارغۇچىلارنىڭ كۆپچىلىك ئۈچۈن دىن ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ئۆگىنىشى، ئويلىنىشى ۋە ئىلگىرى سۈرۈشىگە ياردەم قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. بىز بۇنى ھەقسىز دەرسلىك، ئۆگىنىش مەنبەلىرى،تەربىيلەش ماتېرىياللىرى ۋە تور پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرىمىز. بۇ سۇپا شەخسىي ئۆگىنىش، خادىملارنى تەربىيىلەش، مائارىپچىلار ۋە يېتەكلىگۈچىلەرنىڭ بىر تۈركۈم ياشلار ۋە چوڭلار بىلەن بىللە ئىشلىتىشىگە مۇۋاپىق مەنبەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

سۈپىتىمىزگە ۋە ئىشلىتىشكە قولاي بولغانلىقىغا ئىشىنىمىز. بىز نۇرغۇن تىللاردا مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئاساسلىق مەنبەلىرىمىز مۇتەخەسسىسلەر ۋە دىنىي ئېتىقاد جەھەتتىن بىلىملىك كىشىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ھاسىل قىلىنىدۇ.

نېمىشقا؟

دىن ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە دەخلى-تەرۇز قىلىش شەخسلەر، ئومۇمىي توپلار ۋە جەمئىيەتلەرگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ ئۆگىنىش سۇپىسى، كۆپچىلىك ئۈچۈن ئاساسىي قاتلامدىن يۇقىرىغا قەدەر دىن ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكى، ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ ئىجتىمائىي ، سىياسىي ۋە قانۇنىي مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلىشقا تۆھپە قوشۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. تېنچلىق، مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتنىڭ بەرپا قىلىنىشى، زور دەرىجىدە پەرقلىرىمىز بولغان تەقدىردىمۇ، بۇنى كۆپچىلىك ئۈچۈن قوبۇل قىلىپ تۇرمۇشىمىزغا داۋام قىلىشقا ئەمەس بەلكى كىشىلىك ھوقۇقىغا باغلىق.

كىم ئۈچۈن؟

ئۆگىنىش سۇپىسى مەنبەلىرى كەڭ دائىرىگە ئىگە ۋە نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۈچۈن پايدىلىق.

  • پارلامېنت ئەزالىرى ، دىپلوماتلار ۋە تەرەققىيات كەسپىي خادىملىرى
  • ساقچى، ئادۋوكات ۋە سوتچى قاتارلىق ئەدلىيە سىستېمىسىنىڭ ئەمەلدارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاممىۋى سىياسەت تۈزۈش ياكى يولغا قويۇشقا مەسئۇل ئەمەلدارلار
  • دىنىي ئېتىقاد جامائەتلىرىنىڭ ئەزالىرى ۋە تەيىنلەنگەن لېدىرلىرى
  • ئىلاھىيەت مۇھاكىمە يىغىنىغا ئوخشاش دىنىي رەھبەرلەرنى تەربىيىلەش ئورگانلىرى
  • كىشىلىك ھوقۇقى، دېموكراتىيە، قانۇن ياكى دىنىي تەتقىقاتلارنى ئۆگىتىدىغان مائارىپ ئورگانلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى
  • ئېغىر قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش ئەھۋاللىرى  يۈز بېرىدىغان مۇھىتلاردا ئىشلەيدىغان ئاممىۋى تەشكىلات خىزمەتچىلىرى ۋە كارخانا رەھبەرلىرى
  • كىشىلىك ھوقۇقى، دىن ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكى تەشكىلاتلىرىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى
  • تاراتقۇ

كىم تەرىپىدىن؟

دۇنيا كىشىلىك ھوقۇقى خىتابنامىسىنىڭ 18- ماددىسىدا تىلغا ئېلىنغىنى بويىچە، دىن ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ئۆگىنىش سۇپىسى، شىمالىي ياۋروپانىڭ دىن ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكى تورىنىڭ دىن ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقىنى تەشۋىق قىلىشنى مەقسەت قىلغان تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلاشىپ ئوتتۇرىغا قويغان بىر تەشەببۇسىدۇر.

تۆۋەندە شىمالىي ياۋروپانىڭ دىن ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكى تورىنىڭ كىملەر بىلەن ھەمكارلاشقانلىقى، كىملەردىن پىكىر  ئالغانلىقى ۋە مەبلەغنى كىمنىڭ سالغانلىقى ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى بىلىۋېلىڭ.

دىن ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكى توغرىسىدىكى شىمالىي ياۋروپا ئەركىن تورى

بۇ تور ھەققىدىكى تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارنى كۆرۈڭ (ئىنگلىزچە)

مەبلەغ تەمىنلىگەن ھەمكارلاشقۇچىلار

دەرسلەر، مەنبەلەر ۋە تەرجىمە ئېلانلىرىدىن خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن مۇشتەرى بولۇڭ.

گېزىتلىرىمىزگە مۇشتەرى بولۇڭ!

مۇشتەرى بولۇش