دىن ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھەققىدە ئۆگىنىڭ

دىن ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكى فىلىملىرى

بۇ بىر يۈرۈش 8 فىلىم دىن ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ نېمىگە مۇناسىۋەتىلك بولغانلىقىنى ۋە قاچان چەكلەندۈرۈش كېرەكلىكىنى چۈشىنىشىڭىزگە ياردەم بېرىدۇ.

كىنو بىلىملەرنى ئۆگىنىش ۋە ئورتاقلىشىشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى. بىزنىڭ قىسقا «چۈشەندۈرۈش» فىلىملىرىمىز شەخسىي ئۆگىنىش ، توردا خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆگىنىشى ياكى گۇرۇپپا ھالىتىدە ئۆگىنىشلەرگە دەل ماس كېلىدۇ. دەرسخانىنىڭ يۆنىلىشىنى ئازراق بۇرۇلدۇرۇپ، قاتناشقۇچىلارنى دەرستىن بۇرۇن كىنو كۆرۈش ئارقىلىق يۈزتۇرانە  دەرسكە تەييار ھالەتكە كەلگۈزۈش ناھايىتىمۇ قالتىس بولىدۇ، شۇنداق ئەمەسمۇ!

دىن ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ مۇقەددىمىسى .1

دىن ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكى كىم تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ؟ خەلقئارا ئەھدىنامىلەردە نېمىلەردېيىلگەن، ۋە ئۇلار بىزگە قانداق ھوقۇقلارنى بېرىدۇ؟

2. دىنىڭىزغا ۋە ئېتىقادىڭىزغا ئىگە بولۇش ياكى ئۆزگەرتىش ھوقۇقىڭىز

ھۆكۈمەتلەر، دىنىي داھىيلار ياكى ئائىلە ئەزالىرىڭىزنىڭ سىزنىڭ دىنىڭىزغا ۋە ئېتىقادىڭىزغا ئېرىشىش ، ئۆزگەرتىش ياكى ئايرىلىش ھوقۇقىڭىزنى چەكلىشىگە رۇخسەت قىلىنامدۇ؟ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق نېمە دەيدۇ ، رېئاللىقتا نېمە ئىش يۈز بېرىدۇ؟

3. دىن ۋە ئېتىقادنى كۆرسىتىش (ئەمەل قىلىش) ھوقۇقى

دىن ۋە ئېتىقادنى ئىپادىلەش ۋە ئەمەل قىلىشنىڭ نۇرغۇن يوللىرى بار. كىشىلىك ھوقۇق تەرىپىدىن نېمىلەر قوغدىلىدۇ ، نېمە بولمايدۇ؟ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن نامايان قىلىش ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغان مىساللار.

مەجبۇرلاشتىن قوغداش .4

مەجبۇرلاش دېگەنلىك بىر نەرسە دېيىشكە ياكى قىلىشقا مەجبۇرلىنىش دېگەنلىك. بۇ فىلىم ھۆكۈمەتنىڭ دىن ياكى ئېتىقاد ئىشلىرىغا زورلىماسلىق ۋە سىزنى جەمئىيەتتىكى مەجبۇرلاشتىن قوغداش مەجبۇرىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مىساللار ئارقىلىق مەجبۇرلاشنىڭ قانداق شەكىللىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

كەمسىتىشتىن قوغداش .5

دىن ۋە ئېتىقادنى ئاساس قىلغان كەمسىتىش مەنئى قىلىنىدۇ ۋە دۆلەتلەرنىڭ جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنى كەمسىتىشتىن قوغداش مەجبۇرىيىتى بار. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مىساللار ئارقىلىق كەمسىتىشنىڭ شەكىللىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

6. ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلارنىڭ ھوقۇقى

ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلارنىڭ قانداق ھوقۇقلىرى بار؟ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مىساللار ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بالىلارنىڭ ھوقۇقى ۋە ئاتا-ئانىلار بىلەن بالىلار ھوقۇقىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىغا قانداق دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

7. ۋىجدانلىق قارشىلىق

سىز ئادەتتە قىلىدۇ دەپ قارىلىدىغان ئىشنى قىلىشنى رەت قىلىش ھوقۇقىڭىز، چۈنكى ئۇنى قىلىش سىزنىڭ چوڭقۇر ئېتىقادىڭىزغا زىت. دىن ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ ئەڭ ئاجىز قوغدىلىدىغان ئېلېمېنتى.

دىن ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ چەكلىمىسى .8

نۇرغۇن ھۆكۈمەتلەر دىن ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى چەكلەيدۇ ، ئەمما چەكلىمىلەرنىڭ قاچان يوللۇق ۋە رۇخسەت قىلىنغانلىقىنى ، قاچان ئەمەسلىكىنى قانداق بىلىمىز؟ پارلامېنت ئەزالىرى ۋە سوتلار دىن ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى يولغا قويغاندا چىڭ تۇرۇشى كېرەك بولغان كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىدا بېرىلگەن قائىدىلەرنى چوڭقۇر كۆزۈتۈش.

ھەققىمىزدە

بىز كۆپچىلىكنى، دىن ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئۆگىنىش مەنبەسى بىلەن تەمىنلەيمىز.

About us

بارلىق ئىنگىلىزچە مەنبەلىرىمىزنى كۆرۈڭ

تېخىمۇ كۆپ ئوقۇڭ

گېزىتلىرىمىز ئۈچۈن تىزىملىتىڭ (ئىنگلىزچە)

بۇ يەردىن تىزىملىتىڭ